تونۇش : بۇ سۈتلۈك ئوتلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئامىلىنىڭ پىشقان مىۋىسى بولۇپ ، ئۇرۇقچىلىرىنى ئېلىۋېتىپ ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ .
بۇ غازاڭ تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىكرەك دەرەخ بولۇپ ، ئىگىزلىكى يەتتە مىتىرغا يېتىدۇ . يوپۇرمىقى نازۇك ، ئۇششاق ، شېخىدا نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ . ساپىقى بولمايدۇ . دەرەخ يوپۇرمىقى سېرىق ، ئۇششاق ، غۇجمەك ، شاخلىرى قاتتىق ، مىۋىسىنىڭ رەڭگى قارا ، تەمى چۈچىمەل ، يېڭى مىۋىسى ئالۇچە تەمىدە بولىدۇ .
چىقىش ئورنى : ھىندىستان ، جۇڭگو دىن چىقىدۇ .
ئاساسلىق خىمىۋى تەركىبى : مىۋىسى كۆپ مىقتاردا ۋىتامىن c تۇتىدۇ .بۇنىڭ مىقدارى تەخمىنەن 2 % گە يېتىدۇ . مېۋە پوستىنىڭ تەركىبىدە موزا كىسلاتاسى ، ئامىلە كىسلاتاسى بار . خام مىۋىسىنىڭ تەركىبىدە 30~ 35% گىچە ، قۇرۇق مىۋىسىنىڭ تەركىبىدە 14% تاننىن بار يەنە ئامىلە كىسلاتاسى ، ئىمبىلىكول ، كاروتېن قاتارلىقلارنى تۇتىدۇ .
تەبىئىتى : 2 – دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق .
خۇسۇسىيتى : قان تازىلاش ، قان ، سەفرانىڭ تېزلىكىنى پەسەيتىش ، تۇتۇش ، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ، كۆرۈش قۇۋىتىنى ئاشۇرۇش ، ئىشتىھانى ئېچىش ، چاچ قاراتيىش ۋە ئۆستۈرۈش خۇسۇسىيتىگە ئىگە .
ئىشلىتىلىشى : ئومومىي بەدەن ئاجىزلىقى ، ئىچى سۈرۈك ، ئۇسسۇزلۇق ، خاپخان ، يرەك ئاجىزلىقى ، كۆز ، ئاشقازان ، بالىياتقۇ ئاجىزلىقى ، چاچ چۈشۈپ كېتىش ، ئىشتىھاسىزلىق ، قان ئازلىق كېسەللىرىگە ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى : (1) ئامىلە ، بۇغا مۇڭگۈزىدىن مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ سىفوپ قىلىپ بۇرنىغا تارىتسا بۇرۇن قاناشنى توختىتىدۇ .
(2) بىيە سۈيى بىلەن بېرىلسە كونا ئىسھالغا شىپا بولىدۇ .
(3) بىيە مۇرابباسىغا ئامىلىنى سوقۇپ ئارلاشتۇرۇپ بېرىلسە ئىشتىھانى ئاچىدۇ .
(4) ئامىلىنى قارا ھېلىيلە بىلەن قاينىتىپ چاچنى يۇسا چاچنى قارايتىدۇ .
(5) ئامىلە مۇرابباسى تەييارلاپ بېرىلسە ئىشتىھانى ئاچىدۇ ، چاچنى قارايتىدۇ ، ئۆستۈرىدۇ ، قان تولغاققا شىپا بولىدۇ .
(6) ئامىلىنى سوقۇپ تۇخۇم ئېقى بىلەن بۇۋاسىرغا چاپسا بۇۋاسىرغا شىپا بولىدۇ .
زىيانىقى : تالغا زىيان قىلىدۇ .
تۈزەتكۈچىسى : ھەسەل ، سۇمبۇل ھىندى .
ئورۇن باسارى: ھەلىيلە كابىلى .
مىقدارى : 3 ~ 10 گىرام .
مۇرەككەپ ياسالمىسى : جاۋارىش ئامىلە ، ئامىلە نۇشدارى ، جاۋارىش ئامىلە لوۋلوۋى ، ئامىلە مۇرابباسى .