يۇقىرى قان بېسىمى ۋە بېلىق

ياپونىيە ئالىملىرى تەتقىق قىلىپ شۇنداق كۆرسەتتىكى، يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولغانلار ئاش تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىش بىلەن بىرگە بېلىقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك، ئۇنداق بولغاندا يۇقىرى قان بېسىمى پەيدا قىلىدىغان سەكتىنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ، قان ۋە قان پىلاستىنكىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قان ئۇيۇتقۇچى فاكتور-A2 بىر خىل كۈچلۈك بولغان قان تومۇرنى قىسقارتقۇچى ئامىل. ئۇ قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ يىغىلىشىنى ۋە قان نوكچىسىنىڭ پەيدا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ ئىككى تەرەپ تەڭپۇڭ بولسا قان بېسىمنىڭ نورماللىقنى ساقلىغىلى بولىدۇ، تەڭپۇڭلۇق توساتتىنلا بۇزۇلسا قان بېسىمى بارغانسېرى ئۆرلەيدۇ ھەمدە ئارتېرىيە قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بېلىقنى كۆپ يەيدىغان ئادەملەرنىڭ بەدىنىدە قان تومۇرلارنى تارايتىش رولىنى ئوينايدىغان قان ئۇيۇتقۇچى فاكتور-A2 روشەن ھالدا ئاز بولغانلىقتىن، قاننىڭ قېتىشچانلىقى تۆۋەن بولىدۇ.

تېمىغا قارىتا كۆز قارىشىڭىز بولسا ئاستىدا ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى بار، كۆز قارىشىڭىزنى ئورتاقلىشىڭ!!!

جاۋاب يېزىش