چىلان ۋە ئۇنىڭ پايدىلىرى

مەنبەسى : بۇ خوزۇز ئائىلىسىدىكى ئوسۇملۇك چىلاننىڭ (Zizyphus jujube Mill) قۇرتۇلغان پىششىق مىۋىسىدۇر. كۇز پەسلىدە مىۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىپ قۇرتىلىدۇ. چىلاننىڭ قۇرتىلغان خىللىرىدىن باشقا يەنە يۇمىلاق چىلان، تىكەنلىك چىلان قاتارلىق بىرقانچە خىل تۇرلىرى بار. كوپۇنچە باشقا نامى : ئۇنناپ، سىيلانىدورا چۈشەندۈرلىشى : بۇ سوقىچاق ياكى يۇمىلاق شەكىللىك بولۇپ ئۇزۇنلىقى ئىككى ئۇچ يېرىم سانتىمىتىر، دىيامىتىرى بىر يېرىمدىن ئىككى يېرىم سانتىمىتىر كېلىدۇ. سىرتى قارامتۇل قىزىل رەڭلىك، سەل پارقىراق كىلىدۇ. تەرتىپسىز قورۇقلىرى بۇلىدۇ. تۇۋى ئولتۇرشۇپ كەتكەن بولۇپ قىسقا ساپىغى بار. مىۋە سىرىتقى پوستى نىپىز، گوشلۇك يۇمشاق، قەنىت ماددىسى مول ھەم سىلىق بۇلىدۇ. مىۋە ئۇچكىسى موكا شەكىللىك بولۇپ، ئىككى تەرىپى ئوتكۇر ئۇچلۇق، قاتتىق، سۇس پۇرىقى بار، تەمى تاتلىق كېلىدۇ.

دورا ھەققىدە :
[كىلىش مەنبەسى]: بۇ خوزۇز ئائىلىسىدىكى ئوسۇملۇك چىلاننىڭ
(Zizyphus jujube Mill) قۇرتۇلغان پىششىق مىۋىسىدۇر. كۇز پەسلىدە مىۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىپ قۇرتىلىدۇ. چىلاننىڭ قۇرتىلغان خىللىرىدىن باشقا يەنە يۇمىلاق چىلان، تىكەنلىك چىلان قاتارلىق بىرقانچە خىل تۇرلىرى بار. كوپۇنچە يەرلىك چىلان دورىلىققا ئىشلىتىلىدۇ.
[باشقا تىللاردىكى نامى]: ئۇنناپ، سىيلانى
[دورا ئەشياسىنىڭ شەكلى]: بۇ سوقىچاق ياكى يۇمىلاق شەكىللىك بولۇپ ئۇزۇنلىقى ئىككى ئۇچ يېرىم سانتىمىتىر، دىيامىتىرى بىر يېرىمدىن ئىككى يېرىم سانتىمىتىر كېلىدۇ. سىرتى قارامتۇل قىزىل رەڭلىك، سەل پارقىراق كىلىدۇ. تەرتىپسىز قورۇقلىرى بۇلىدۇ. تۇۋى ئولتۇرشۇپ كەتكەن بولۇپ قىسقا ساپىغى بار. مىۋە سىرىتقى پوستى نىپىز، گوشلۇك يۇمشاق، قەنىت ماددىسى مول ھەم سىلىق بۇلىدۇ. مىۋە ئۇچكىسى موكا شەكىللىك بولۇپ، ئىككى تەرىپى ئوتكۇر ئۇچلۇق، قاتتىق، سۇس پۇرىقى بار، تەمى تاتلىق كېلىدۇ.
[چىقىش ئورنى]: ۋەتەننىڭ كۆپلىگەن رايۇنلىرىدىن چىقىدۇ. شۇنىڭدەك ياۋرۇپانىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمى، ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدا ئوسىدۇ.
[خىمىيىلىك تەركىبى]: مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە ئىزكۇينولىن خىلىدىكى بىئولوگىيلىك ئىشقارلاردىن سېتفارىن (Stepharine)، N- نۇر–نۇتسىفېرىن (N–nor–nuci frine)، ئاتسىمىلوبىن (Acimilobine) بار. 11خىل بەش ھالقا ترى تېرپېنلىق خىلدىكى بىرىكەم ۋە زىزىفۇس ساپۇنىنI (Zizyphus Saponin I) ۋە زىزىفۇس ساپوتىن (Zizyphus Saponin ) دىن ئىبارەت ئىككى خىل ساپونىن ئاجرىتىپ ئېلىنغان، يەنە كاربوھىدراتلار، ئاقسىل، ۋىتامىنC، B، كاروتىن، دىۋېرقاي، ئالما كىسلاتاسى، كوۋمارىن خىلىدىكى ماددىلارمۇ بار.
[فارموكولوگىيىلىك تەسىرى]: خولىتسىروننى تۆۋەنلىتىپ، جىگەرنى قوغداش، سۆڭەك شالاڭلىشىش ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، تىنىچلاندۇرۇش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش قاتارلىق تەسىرىگە ئىگە.
[تەبىئىتى]: موتىدىل(ھوللۇككە مايىل)
[خۇسۇسىيىتى]: قان تازلاش، نورمالسىز سەپرا ۋە سەۋدا خىلىتلىرىنى تازلاش، قىززىتما قايتۇرۇش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، بەلغەم بۇشۇتۇش تەسىرى بار.
[ئىشلىتىلىدىغان كىسەللىكلەر]: يۇتەل، زۇكام، نەزلە، ئۆپكە ياللۇغى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، ئوتكۇر قىززىتما، قان قۇيۇلۇش، قان بۇزلۇشتىن بولغان تىرە كىسەللىكلىرى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
[ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى]: يەككە، مۇرەككەپ ھالەتتە ئىچىدىن ئىشلىتىلىدۇ. ئىچىدىن 5~10گىرامغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ. يەنى:
1.چىلان، ئالقات ھەربىرى 10گىرام، تەمرىھىندى، ىىيار شەمبەر ھەربىرى15گىرام، ئەفتىمۇن20گىرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىستىمال قىلسا قان-تۇمۇر قېتىشقا مەنپەتلىك.
2. گۇل بىنەفشە، نىلفەر، گاۋزىبان، چىلان، سەرپىستان، كوك ئۇزۇم ھەربىرى 10گىرام ئېلىپ دەملەپ بىرىلسە-زۇكام، قىززىتما، باش ئاغرىقىغا مەنپەتلىك.
3. قاينىتىلغان سۇيىگە ئەرقى كاسىنە، سىركەنجىبىن قۇشۇپ بىرىلسە يەلتاشما، تىرىدە پەيدا بولغان مۇدۇر چاقىلارغا مەنپەتلىك.
[دىققەت قىلىدىغان ئىشلار]: ئولچەملىك ساقلاشقا، ئۇنىمنىڭ ساقلىنىش مۇددىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
[زىيانلىغى]: باھنى ئاجىزلاشتۇرۇدۇ.
[تۇزەتكۇچىسى]: ھەسەل، ئۇزۇم، تۇخۇم، بادىيان
[ئۇرۇن باسارى]: سەرپىستان
[مۇرەككىباتى]: چىلان شەربىتى، چىلان ئىچىملىگى، لوئوقلار، كاشكاپلار

جاۋاب يېزىش