مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن بۇ يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇڭ

ئەرلەرگە نىسبەتەن مەزى بېزى ناھايىتى مۇھىم بولغان ئەزالارنىڭ بىرى، مەزى بېزى ئەرلەرنىڭ سۈيدۈك سىستېمىسى ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭلاشقا مەزى بېزى ياللۇغى كۆرۈلگەندە چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىنىش، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا مەزى بېزى ياللۇغى پەيدا بولغاندا تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل يېمەكلىكلەردىن چوقۇم يىراق تۇرۇش كېرەك.

مەزى بېزى

ئاچچىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر

مەزى بېزى ياللۇغى بار ئەرلەر چوقۇم ئاچچىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك، كۆكمۇچ، قىزىلمۇچ، سامساق، زەنجىۋىل قاتارلىق ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر مەزى بېزى ياللۇغىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

خام، سوغۇق يېمەكلىكلەر

مەزى بېزى ياللۇغى بار كىشىلەر خام، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە بولمايدۇ، چۈنكى خام، سوغۇق يېمەكلىكلەر مەزى بېزىنىڭ بىنورمال تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا مەزى بېزى بىمارلىرى بېلىق، راك، قىسقۇچپاقا، سوغۇق سەي قاتارلىقلارنى ئامال بار ئاز يېيىش كېرەك.

يىرىڭ پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەر

كالا گۆشى، ئۆردەك گۆشى ۋە زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئاسانلا يىرىڭ پەيدا قىلىدۇ، شۇڭلاشقا مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى چوقۇم بۇ خىل يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

ھاراق

ھاراق قان-تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى ھاراق ئىچكەندە مەزى بېزى تومۇرلىرىنىڭ كېڭىيىشىنى، مەزى بېزىنىڭ ئىششىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ياكى داۋالاش قوبۇل قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ھاراقتىن يىراق تۇرۇش لازىم.

كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى دورا ئارقىلىق داۋالاش، ئۇزۇن ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش، كۆپ سۇ ئىچىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك.

جاۋاب يېزىش